خىيال تور بېكىتى> خەۋەرلەر> يۇمتال> كۈرۈشماقالە
خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 تارقىتىلدى
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2020-يىل07-ئاينىڭ02-كۈنى

ھازىرغا قەدەر ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تۇرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ باردى. بەزى يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ خەت نۇسخىسى بىرقەدەر ئاز بولسىمۇ ياسىغۇچى پروگراممىرلار ئۆزىنىڭ ئەمگەك ھەققىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن سېتىپ، ئىقتىسادى كىرىم قىلدى(ئاددىغىنە بىر مىسال ئالساق، بىز خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتاللىرىنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيمىز). بۇ يۇمشاق دېتال پەقەت يۇنىكودنى قوللىمايدىغان، چاپلاپ يېزىش ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈشكە بولىدىغان (مەسىلەن: Photoshop, Flash ...) يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەندى. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ خەت ئامبىرى ھازىرغا قەدەر ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھۆسن - خەت لايىھىلەش ، ئېلان - ۋىۋىسىكا ئىشلەش، كومپيۇتېر مۇنتاژلىقى ... قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ تارقالغۇسى.

     بۇرۇن خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 1.0، 1.03 ۋە 1.5 نۇسخىلىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان ئىدۇق. 1.5 نۇسخىسىدىكى بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ئىشلەنگەن 2.0 نۇسخىسىدا خەت ئامبىرىنى قايتا كودلاپ چىقتۇق. بۇ سەۋەبلىك ئىشلەتكۈچىلەرگە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىمىز. بۇ قېتىم قايتا كودلاپ چىقىلغان 2.0 نۇسىىسىنىڭ خەت ئامبىرى ئىسمى Hiyal 2.0 دىن باشلىنىدۇ.

     بۇ قېتىم ئىشلەپ تارقاتقان خىيال 2.0 نۇسخىسىنى تىزىملىتىش شەكلىدە ئىشلىتىدىغان قىلدۇق. 1.5 نۇسخىسىنى ئىشلەپ تارقاتقاندىن بۇيان خېلى ئىشلەتكۈچىلەر «ھەسنىكام ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق» دېگەندەك ئىشلەپ تارقاتقان كىرگۈزگۈچىمىزدىن پايدىلىنىشتا پايدىلىنىپ، تور بېكىتىمىزنى تاشلاپ قويدى. ھەتتا بەزى تور بەت ئىشلىگۈچىلەر بولسا خىيال 1.5 قاتارلىق كىرگۈزگۈچلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تور بىكەتلىرىدە خىيال تورىنى ئۇلىنىش قاتارىغا قوشۇپ قويۇشقا خوش ياقمىدى. بەزى ئىشلەتكۈچىلىرىمىز تور بېكىتىمىزدە ۋە ياكى تېلېفوندا تەشەككۈر ئېيىتتى.
 بۇ يۇمشاق دىتالنى تىزىملاتمىغانلار پەقەت 25 ھەرپ كىرگۈزۈش، سان كىرگۈزەلمەسلىك، سىستېمىنى بەزى خاتالىق قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

     ھازىر بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ 85 خىل خەت نۇسخىسى بار بولۇپ، سىناق ھالەتتە تارقىتىلدى. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەركىن ئازادە ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىمىز.

يۇمشاق دىتالىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى

يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى:

(1) رايونىمىزدا كومپيۇتېرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەرزان بولغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال خىيال تور بېكىتىنىڭ ئەزالىرىغا پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.  

(2) بۇ يۇمشاق دېتالغا ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى ھازىر 85 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىيال تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

بۇندىن كېيىنكى نىشانىمىز

 

      بۇ قېتىم ئىشلەپ تارقاتقان 2.0 نۇسخىسىدا بەزى بىر كەمچىللىكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى نۇسخىسىدىكى كەمچىللىكلەرنى كىيىنكى نۇسخىسىدا تولۇق تۈزىتىشكە تېرىشىمىز. كىيىنكى قېتىملىق نەشىرىگە كىرگۈزلىدىغان ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:

        (1) كۆپ قۇرلۇق تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇش؛

        (2) خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە يېزىلغان خەتلەرنى Unicode غا ئايلاندۇرۇش؛

        (3) Unicode دا يېزىلغان خەتلەرنى خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ خېتىگە ئايلاندۇرۇش؛

        (4) Unicode لىق كېڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىق كىرگۈزۈش؛

        (5) Unicode نىڭ كېڭەيتىلگەن رايۇنىدا تەتۈر ھالەتتە ھەرپ كىرگۈزۈش

        (6) خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ Unicode لىق ھۆسىن-خەت نۇسخىسىنى ئىشلەش؛

        (7) خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نۇسخىسىدىكى بارلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىش.

        (8) ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاس قىلغان بارلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىش.

        (9) ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈرلۈك كۆپ ۋاستە قويۇش يۇمشاق دىتاللىرىنى قوشۇش؛

        (10) تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلغان باشقا تەكلىپ پىكىرلىرى....


مۇلازىمەت QQ نومۇرىمىز: 86805363

چۈشۈرۈشتە تور بىكىتىمىزنىڭ چۈشۈرۈش سەھپىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ

پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }