بىكىتىمىز خىيال ئېلېكترون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاجىدارلىقىدىكى تور بېكەت. بىكىتىمىز 2006-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، تېخنىكا يېڭىلاش، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇپ كەلدۇق. گەرچە تور بېكەت كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەممىسى بىكىتىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.
بىكىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغانلار
1-ئېلان ئالاقە جەھەتتە ھەمكارلاشقۇچىلار:
ئۆز تور بېكىتىدە مەزكۇر توربەتنىمۇ ئېلان قىلىپ ئېلان ئالاقە ئورنىتىشنى خالىغان توربېكەتلەر بىلەن ئېلان ئالاقىسى ئورنىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئېلان ئالاقىسى ئەلۋەتتە ئىككىلا تەرەپكە نەپ يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئاساسىدا ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. خالايدىغانلار بىكىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
2-سودىدا ھەمكارلاشقۇچىلار:
بىكىتىمىز ئېلان قىلغان ھەقلىق مەھسۇلاتلاردىن ۋاكالىتەن سېتىشنى ھۆددىگە ئالماقچى بولغانلار بولسا شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ئىتىبار بىلەن ھەمكارلاشقۇچى تەكلىپ قىلىمىز. شەرت شۇكى ، سىزنىڭ توربىكىتىمىز ئېلان قىلغان ھەقلىق مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش ئىقتىدارىڭىز ۋە ئۈنۈملۈك بولغان سېتىش يولىڭىز بولىشى كېرەك.
3-پروگراممىدا ھەمكارلاشقۇچىلار:
شىركىتىمىز بىلەن مۇۋاپىق ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا تېخنىكا ۋە پروگرامما تۈزۈش جەھەتتە ھەمكارلىق كىلىشىمى تۈزۈپ، يېڭى سىستېمىلارنى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئېچىشقا قوشىلىمىز.