خىيال تور بېكىتى> خەۋەرلەر> كومپيۇتېر> كۈرۈشماقالە
ئىنتېل NUC 12 Pro mini كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىنى بازارغا سالىدۇ
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2022-يىل06-ئاينىڭ13-كۈنى

ئىنتېل ھازىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۇچار ئەجدىھا جىلغىسى(飞龙峡谷) NUC كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىنى بازارغا سالدى، ئەمما ھەجمى تېخىمۇ كىچىك بولغان NUC 12 Pro كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتى بازارغا سېلىنمىدى.

ئېنېرگىيە يۇلتۇزى تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئىنتېلنىڭ بىر تۈركۈم NUC 12 ئۈسكۈنىلىرى دەلىللەشتىن ئۆتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئۈسكۈنە NUC 12 Pro mini كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي بازارغا سېلىنىدىكەن.

بۇ يىل 3-ئايدىلا، ChipHellدىكى تورداشلار ئىنتېلنىڭ پات ئارىدا «ۋال كوچىسى جىلغىسى» mini كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئۇنىڭغا ئىنتېلنىڭ 12-ئەۋلاد Core P يۈرۈشلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئىنتېل NUC 12 Performance ئىستېمال تېرمىنالى مەھسۇلات لىنىيەسى قىسقارتىلغان، ئەمما سودا تېرمىنالى NUC 12 Pro كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىنى ساقلاپ قالىدىكەن. يۇقىرىقى سۈرەتتىكى بۇ NUC ئېنىقلا سودا تىپىدىكى تىپ بولۇپ، ئىستېمال تىپىدىكى تىپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدى IO تاختىسىدا USB-C ئېغىزى، يان تەرىپىدە SD كارتا ئوقۇرى ئېلىۋېتىلگەن.

سەپلىمە جەھەتتە، يېڭى بىر ئەۋلاد NUC mini ئاساسىي ئاپپاراتىغا 12-ئەۋلاد Core بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا i7-1270P ۋە i7-1260P بىرتەرەپ قىلغۇچنى تاللىغىلى بولىدۇ، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە PCIe 4.0 SSDنى قاچىلاشنى قوللايدۇ. ئىقتىدار جەھەتتە، ئالدىنقى ئەۋلاد 4 يادرولۇق تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى CPUنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئەمما يادرولۇق كۆرسىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن.

پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }