
دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin نىڭ 20.6 نەشىرى تارقىتىلدى. بۇ بولسا دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا ياساپ چىققان Linux ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى. بۇ سىستېمىنىڭ باشقا نۇسخىدىكى Linux لارغا قارىغاندا دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاسىتە تۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. مەسىلەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دائىملىق پرىنتىر قاتارلىق قاتتىق دىتاللارنى بىۋاسىتە تۇنىدۇ.
(قاچىلاش باسقۇچى تەپسىلى سۆزلەنمىدى)
مەزكۇر سىتېما 20.6 نۇسخىسى 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەشىرى 20.5 نەشىرىدە ئۇيغۇرچە تىلدا قاچىلىساق، ئىكراننىڭ كۈرۈنۈش ھالىتى سولدىن ئوڭغا توغرىلىنىپ قالاتتى (خەنزۇچە ھالەتتىكىنى ئىشلىتىپ كۆنگەنلەرگە ماس كىلىدىكەن). بۈگۈن 20.6 نەشىرىگە يېڭىلىغاندىن كېيىن ئىكران كۈرۈنۈشى ئوڭدىن سولغا يۆتكەلدى.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغرىلاپ كۆرسەم خەتلەر تازا چىرايلىق كۈرۈنمىدى. شۇنىڭ بىلەن خىيال تور بېكىتىنىڭ خەت نۇسخىسى چۈشۈرۈش سەھىپىسىدىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى چۈشۈردۈم. چۈشۈرگەن ھۆججەت بولسا «ھۆججەت باشقۇرغۇچ» دىكى «چۈشۈرۈلمىسلەر» دىگەن ھۆججەت قىسقۇچقا چۈشكەن بولۇپ، پرىسلانغان ھۆججەتنى بىۋاسىتە پرىستىن يىشىپ ئېچىشقا بولىدۇ.
پرىستىن يەشكەندىن كىيىن ئايرىم ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە يىشىپ چىقىرىپ بىرىدۇ.
يۇقارقى Basma Het دىگەن مۇندەرىجە ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ «كۆچۈرۈش» نى تاللىۋالغاندىن كېيىن، «سىستېما دېسكىسى» غا كىرىمىز.
سىستېما دېسكىسى ئىچىدىكى usr دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ، ئىچىدىن share دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى تېپىپ ئاچىمىز. ئىچىدىن fonts دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، چىققان تىزىملىكتىن «باشقۇرغۇچى ھالىتىدە ئېچىش » نى تاللايمىز.
باشقۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش كۆزنىكى چىقىپ، مەخپى نومۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەخپى نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كىيىن جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەككەندە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ھۆججەت قىسقۇچ ئېچىلىدۇ. (ئەسكەرتىش، يۇقارقى كۆزنەكتىكى سېرىق رەڭلىك قۇلۇپ بار ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھەممىسى سىستېما ھۆججەت قىسقۇچى بولغاچقا بۇنىڭ ئىچىگە ھۆججەت كۆچۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە چوقۇم باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئېچىش دىگەن تۈر بويىچە مەشغۇلات قىلىش كېرەك).
بايا كۆچۈرۋالغان ھۆججەت قىسقۇچ Basma Het نى مۇشۇ fonts دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى ئاق ئورۇندا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ چاپلاش تۈرىنى تاللاپ چاپلىساق بولىدۇ.
ئىكرانغا قايتىپ، ئىكران يۈزىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەككەندىن كىيىن چىققان تىزىملىكتىن «ئىكران تەڭشىكى» نى تاللاپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق سىستېما خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشىۋالساق بولىدۇ.
مانا قاراڭ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى شۇنداق چىرايلىق كۈرۈندى مانا.