
ھەممىمىز كۈتكەن كۈن يىتىپ كەلدى، يەنى 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان windows 11 نى ئېلان قىلدى.
چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:
https://www.microsoft.com/zh-cn/software-download/windows11
بۇ سىستېما ھەققىدىكى تىمىلار خىيال تور بېكىتىمىزدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.
يۇقارقى بەتتىكى چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ قارايدىغان بولساق ئۈچ خىل چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە windows11 نى چۈشۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرىمىز.
چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن كىچىك بىر ھۆججەت قوزغىلىپ windows11 نىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ windows10 نى ياكى باشقا سىستېمىلارنى يېڭىلاشقا ۋە بىۋاسىتە قاچىلاشقا ئىشلەتسەك بولىدۇ.ناۋادا بۇ چۈشۈرگەن كىچىك پروگرامما كومپيۇتېرىڭىزنى تەكشۈرۈپ windows11 نى قاچىلاشقا ماس كەلمىسە يۇقارقىدەك ئۇچۇر چىقىرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ Windows11 نىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بىر قەدەر قۇلاي بولىدۇ. ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندە ئۈزىمىزگە ماس كەلگەن تىلنى تاللاپ چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بولىدۇ.
ئەمدى قاچىلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدا UltraISO بولماي قالسا شۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاندىن قاچىلىسىڭىز قۇلاي بولىدۇ.