
چەتئەل تېخنىكا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى كىيىنكى ئەۋلات IPAD Air نى كىيىنكى يېرىم يىلدا تارقىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئىكرانى 10.8 دىيۇم، بىراق سەپلىمە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان، باھاسى تۆۋەنلىتىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ يېڭى دوكىلاتتا ئالما ئويۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىيىنكى پەسىلدىكى سېتىش پىلانى بويىچە چىقىرىلىدىغان Ipad نىڭ ھازىرقى Ipad بىلەن تىپى ئوخشاش، باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بىكىتىلگەن. ئەسلىدە مەھسۇلات سەپلىمىسىنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغاندا ئالما شىركىتى مۇشۇنى باھانە قىلىپ باھاسىنى ئۆستۈرەتتى. بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىدى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىدىغان IPAD قا تار گىرۋەك ئىشلىتىلگەندىن سىرىت يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش شۇكى، چېتىلىش ئېغىزىغا Lightning نى ئىشلەتمەستىن، USB-C غا ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى. نۆۋەتتىكى Ipad Air غا A12 Bionic ئۈزەك ئىشلىتىلگەن. كىيىنكى نۇسخىسىغا A13 ئۈزەكلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ. بازار باھاسىمۇ بىر قەدەر ئەزرانلايدۇ.