خىيال تور بېكىتى> ماقالىلەر> باشقا بىلىملەر> كۈرۈشماقالە
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮪﺎﺩﺍ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻯ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ؟
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2020-يىل10-ئاينىڭ24-كۈنى

ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺩﻩﻝ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯚﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ:

1. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﻣﭽﻮﺗﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ؟ 

2. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ؟

3. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ %80ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟

4. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ %20 ﯞﺍﻗﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ؟

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮪﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻮﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﻪﭖ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻻﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯧﺠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.


ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻡ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ.

ﺑﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 1000 ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ 400 ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ. ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﺎ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، Z170 ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ B150 ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. CPU ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ، Z170 ﺑﯩﻠﻪﻥ B150ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﻳﻮﻕ.


2-ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺯﺍﭘﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ. 

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺯﺍﭘﭽﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ %60 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻮﻙ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. 500W ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺯﺍﭘﭽﯩﺴﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻙ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺯﺍﭘﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺷﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


3-ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ: intel ﻛﻮﺭ i5 ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﻮﺭ i3ﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ intel ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﯩﯔ i3، i5، i7 ﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، 8 -ﺋﻪﯞﻻﺩ i3-8100 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ 7-ﺋﻪﯞﻻﺩ i5-7400 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺗﺎﯞﺑﺎﯞﺩﺍ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ i7 ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.


4-ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺯﯨﻜﻰ (GPU) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻮﭼﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


5-ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ.

AMD ﯞﻩ NVIDIA ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، NV ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﯖﭽﻰ، ﭼﯩﺴﻪﻳﺨﯘﯓ، ﺧﯘﺍﺷﻮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ A ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﻳﺎﻗﯘﺗﻰ، ﺩﯨﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﯘﭼﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻕ ﺋﯚﺯﻩﻛﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﺎﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺋﯚﺯﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺮﺍﻙ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺳﻪﭘﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ. ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰ!


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻡ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻠﯩﺮﻯ:

CPU ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

CPUﻧﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ AMD ﯞﻩ Intelﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ CPUﻧﯩﯔ AMDﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ Intelﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋ‍ﻭﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻠﯩﺮﻯIntelﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺴﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻠﯩﺮﻯ AMD ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ.

11.jpg

ﺳﻮﻝ:Intel ﺋﻮﯓ: AMD

12.jpg

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، AMDﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ Intelﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ CPUﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ Intel ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﻗﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ CUP ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﻗﯘﺭﻯ ﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﺎﺭﺍﯓ، ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﯞﻩ CUPﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.

13.jpg


ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ CPU ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺴﺎ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﯞﻻﺩ CPU 7700 ﯞﻩ 7700K ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺴﯩﺰ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯗ؟ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ:

14.jpg

15.jpg

ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯞﯨﻠﯩﭙﻼ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ، ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

16.jpg

CPU ﺳﻮﯞﯗﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

CPU ﺳﻮﯞﯗﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺧﻪﺟﻠﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

17.jpg

CPU ﺳﻮﯞﯗﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ، ﺗﻪﮔﻠﯩﻚ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ، ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎﻻﻗﭽﻪ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.


ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

1. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. (ﺋﯘﻟﺘﺮﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ).

2. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﺎﭖ ﻣﯩﺲ ﻛﻪﭘﺸﻪﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

3. ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﮭﻪﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ، ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﮪﯜﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﺑﯘﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. 

4. ﻗﺎﻳﺘﻤﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﭘﺸﻪﺭﻟﻪﺵ ﮪﯜﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭺ ﻧﻪﻳﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻻﻗﭽﻪ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﻪﭘﺸﻪﺭﻟﻪﻧﺴﻪ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

5. ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺰﻭﻟﻴﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺑﺎﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

18.jpg

ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ

ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻨﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻤﯘ DDR X ﺩﻩﭖ (Xﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ DDR3، DDR4 ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﻗﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﯩﺴﻰ DDR4، ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﯩﺴﻰ DDR3، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯩﺴﻰ DDR2.


پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }