خىيال تور بېكىتى> ماقالىلەر> پروگرامما تۈزۈش> كۈرۈشماقالە
VB.net دا ئۆزگەرگۈچى مىقدار ۋە تۇراقلىق مىقدارنىڭ ئېنىقلىمسى
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2020-يىل07-ئاينىڭ30-كۈنى

ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئېنىقلاش

Dim a as integer

ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى Dim ئارقىلىق ئېنىقلاش ئېلىپ بارىمىز. قىممىتىنى خالىغاندا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

تۇراقلىق مىقدارنى ئېنىقلاش

Const p=3.14

تۇراقلىق مىقدارنىڭ قىممىتى دەسلەپتە بىرىلگەن قىممەت نىمە بولسا شۇ بويىچە بولىدۇ. خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

ئېنىقلىما بىرىش

Public a as integer

يۇقارقى بۇيرۇقتىكى public ئارقىلىق ئېنىقلىما بىرىلسە تەسىر قىلىش دائىرىسى بارلىق كۆزنەك ئىچىدە بولىدۇ.

Private b as integer

يۇقارقى بۇيرۇقتىكى Private بولسا تەسىر قىلىش دائىرىسى مەزكۇر كۆزنەك ئىچىدىلا بولىدۇ.

يۇقارقى public بويىچە ئېنىقلىما بىرىلگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى باشقا كۆزنەكتە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئالدىغا شۇ كۆزنەك نامىنى بىرىپ چىكىت ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

يۇقارقى Public  ئارقىلىق ئېنىقلىما بىرىلگەن a بولسا form1 كۆزنەكتە بولۇپ، بۇنى form2 دە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە تۆۋەندىكىدەك يېزىلىدۇ.

Form2 دە ئىشلىتىلىشى

Form1 دىكى ئېنىقلىما   بىرىلگەن ھالىتى

B=form1.a

Public   a as integer

ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ نامىنىڭ بىرىنچى خانىسى چوقۇم ھەرپ بىلەن باشلىنىشى كېرەك. سان ياكى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدۇ.

شەرت جۈملىسى ئىچىدىكى لوگىكىلىك ئەمەللەر

And بولسا «بىلەن» دىگەن مەنىدە بولۇپ، تەڭ دەرىجىلىك قىممەت ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

Or بولسا «ياكى» دىگەن مەنىدە بولۇپ، خالىغان بىر قىممەتنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

Xor بولسا «تاق تاللاش» دىگەن مەنىدە بولۇپ، پەقەت بىرلا قىممەتنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

Not بولسا «ئەكسى» دىگەن مەنىدە بولۇپ، قىممەتنىڭ ئەكسىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

AndAlso بولسا ئاۋۋال سولدىكى نەتىجىگە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سولدىكى نەتىجە ئىناۋەتلىك بولسا ئاندىن ئوڭدىكى نەتىجىنىمۇ تەكشۈردۇ، ئەگەر سولدىكى نەتىجە ئىناۋەتلىك بولمىسا ئوڭدىكىنى تەكشۈرمەيدۇ.

Like بولسا تەركىبىدە بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈش. مەسىلەن:

Dim s is string
s=”ABCDEF”
if s like “AB**” then
msgbox (“bar”)
else
“msgbox (“yok”)
End if

ماتىماتىكىلىك ئەمەللەر

- بولسا ئېلىش ئەمىلى

+ بولسا قوشۇش ئەمىلى

* بولسا كۆپەيتىش ئەمىلى

/ بولسا بۈلۈش ئەمىلى

\ بولسا پۈتۈن بۈلۈش ئەمىلى

Mod بولسا پۈتۈن بۆلگەندىكى قالدۇق

< بولسا چوڭلۇق بەلگىسى

> بولسا كىچىكلىك بەلگىسى

=< بولسا چوڭ ياكى تەڭ

=> بولسا كىچىك ياكى تەڭ

<> تەڭ ئەمەس بەلگىسى


پىكىر بىرىڭ
يېڭى ئاۋات تىمىلار
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }